ماكرون: سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشىغا قاتناشقانلار جىنايەتكە شېرىك بولدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نامايىشى ھەققىدە توختالغاندا: «زوراۋانلىق تۈسى ئالغان نامايىشلارغا قاتناشقانلارنىڭ، ئەڭ ناچار ئادەملەرنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىقىنى دېيىشىمىز لازىم» دېدى.

1153186
ماكرون: سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشىغا قاتناشقانلار جىنايەتكە شېرىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون شەرقتىكى شەھەر باشلىقلىرى بىلەن سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشلىرى سەۋەب بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇزاكىرەلىشىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن يىغىندا، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ ئەڭ ناچار ئادەملەرنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىقىنى دېيىشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇ نامايىشلارنى قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بىراق ھەممە كىشىنىڭ نامايىشلاردىكى زوراۋانلىقلارنى ئەيىبلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كومىتېتىنىڭ باشلىقى دۇنيام مىتوۋىچ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە، سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىشقا، تىنچلىق خاراكتېرلىك نامايىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىگە ئاشقۇن چەكلىمىلەرنى قويماسلىققا ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنىڭ ناچارلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغان، كېيىنچە ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشلىرى، 2018-يىل 17-نويابىر پارتلىغان ئىدى. نامايىشلاردا 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، 8400 كىشى تۇتۇلدى ۋە 1796 كىشى قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر