ياۋروپا ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1152426
ياۋروپا ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى باياناتچىسى ماجا، ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسنىڭ تىنچ ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ نىشانغا زوراۋانلىق يولى بىلەن يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «(ۋېنېزۇئېلاغا) ھەربىي مۇداخىلە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك» دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى پارلامېنتنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدو، ئۆتكەن ئاي ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋە باشقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋاتور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئارقىدىن ياۋروپا پارلامېنتىمۇ يۇقىرىقى يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، ئىران، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ مەزكۇر ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكىنى، لېكىن سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ تاللاش يوللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر