ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىنستېگرامدىكى رەسمىي ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1152708
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئۇچۇرىدا، «ئەزىز ۋە جەسۇر ئىران مىللىتى بىلەن قىممەتلىك ئەمەلدارلارغا ئارقىدا قالغان 47 ئاي بويىچە نامايان قىلغان ياخشى مۇئامىلىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىم جەريانىدا ئادا قىلالمىغان خىزمەتلىرىم ۋە يېتەرسىزلىكلىرىم ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئامان بولۇڭلار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرناغا بايانات بېرىپ، زەرىفنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈردى.

زەرىفنىڭ ئىستېپا بېرىش سەۋەبىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىدى.

ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى مەھمۇد ۋائىزى بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، زەرىفنىڭ ئىستېپاسىنىڭ پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

پارلامېنتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى ھاشمەتۇللاھ فەلاھەتپىشە، «زەرىف بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قانچە قېتىم ئىستېپا بەردى. لېكىن، بۇ قېتىم ئىستېپا قارارىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى ۋە بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، زەرىف پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭمۇ بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشىنى كۈتمەكتە» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۇرىيە لىدىرى بەششار ئەسەدنىڭ تېھرانغا قاراتقان تۈنۈگۈنكى زىيارىتى توغرىسىدا زەرىفكە خەۋەر بېرىلمىگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالار ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر