موسكۋادا بورىس نېمتسوۋ خاتىرىلەندى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا، 2015 – يىلى بىر قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان سابىق باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ئۆكتىچى رەھبەر بورسى نېمتسوۋنى خاتىرىلەپ يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋانىڭ مەركىزىدە توپلانغان مىڭلارچە كىشى، نېمتسوۋ ئۆلتۈرۈلگەن كۆۋرۈككىچە ماڭدى.
نېمتسوۋنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى ۋە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان يۈرۈش پائالىيىتى ئىشتىراكچىلىرى، قوللىرىدىكى قىزىل گۈللەرنى رۇس ئۆكتىچى ئۆلتۈرۈلگەن جايغا قويدى.
موسكۋا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پائالىيەتكە 10 مىڭ ئادەم ئىشتىراك قىلدى.
ست.پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىمۇ يۈزلەرچە ئادەم نېمتسوۋنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا قارشى نامايىشلارنى قوللاش ۋە ئۆكتىچى پوزىتسىيەسى بىلەن ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان نېمتسوۋ، 2015 – يىلى 27 – فېۋرالدا كىرېمىل سارىيىغا يېقىنلا يەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
رۇسىيە مەھكىمىسى، نېمتسوۋ جىنايىتىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىغان چېچىنىيە پۇقراسى زائۇر دادايېۋنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا 2 مىليارد ياۋرو ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى.