خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە 4.9 بال يەر تەۋرىدى
خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 4.9 بال يەر تەۋرەشتە ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1152072
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر تەۋرەش تور مەركىزى يەر تەۋرەشنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ زىگوڭ شەھىرىگە قاراشلىق روڭشى ئېن ناھىيەسىدە، يەردىن 5 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەش ھەققىدە ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
بىراق، يارىلانغانلار توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.