ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدا توقۇنۇش چىقتى

ۋېنېزۇئېلاغا «ئىنسانىي ياردەملەر» نى كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇش ئەسناسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1151289
ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدا توقۇنۇش چىقتى
venezuela sinirinda catisma2.jpg
venezuela sinirinda catisma1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدا ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن «ئىنسانىي ياردەملەر» نىڭ ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان خۇۋەن گۇايدوغا تاپشۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلۈشىگە ئۇرۇنۇش ئەسناسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

كولومبىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان خەلقئارا سىمون بولىۋار كۆۋرۈكىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئۆزلىرىگە تاشقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

چېگرادىكى فىرانسىسكو دې پاۋلا سانتاندېر كۆۋرۈكىدە بولسا، ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ كۆيۈپ كېتىشى بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

ھۆكۈمەتكە يېقىن مەنبەلەر، ئاپتوموبىللارغا ۋەقەنى ئۇلغايتماقچى بولغان ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەر بولسا، ئاپتوموبىللارنىڭ بولىۋارچى مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەرگە يېقىن ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان - فورو پېنال، چېگرادىكى توقۇنۇشلاردا 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 51 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

تۇنجى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان  بىرازىلىيە چېگراسى، ھازىرغىچە ۋېنېزۇئېلاغا ياردەم كىرگەن بىردىنبىر چېگرا ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن سەھەردە بىرازىلىيەدىن ۋېنېزۇئېلاغا ئىنسانىي ياردەم دائىرىسدە دورا كىرگۈزۈلگەنلىكى، بىراق مىقدارىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلاغا پورتو رىكو ئارقىلىق كىرىشى كۈتۈلۈۋاتقان 200 توننىلىق «ئىنسانىي ياردەم» بېسىلغان پاراخوتنىڭ بولسا، خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋېنېزۇئېلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇداخىلە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىلگىرىلىشىنى توختاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

كولومبىيە مەنبەلىرى ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ۋېنېزۇئېلا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە مەنسۇپ 60 تىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ كولومبىيەگە قېچىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو، كولومبىيە بىلەن ھەرتۈرلۈك سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە كولومبىيەلىك دىپلوماتلارنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 24 سائەت مۆھلەت بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر