سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايال باش ئەلچىلىككە تەيىنلەدى

مەلىكە رىما بىن بەندەر، سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولدى.

1151439
سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايال باش ئەلچىلىككە تەيىنلەدى
suudi veliaht prens selman.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان، تۇنجى قېتىم دادىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھلىق قارارنامىسى چىقىرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئۆز بىر تۇغقىنى خالىد بىن سەلماننىڭ ئورنىغا مەلىكە رىمانى تەيىنلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دادىسى پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزغا ۋاكالىتەن ئۈچ پارچە قارارنامە ماقۇللاپ، بىر تۇغقىنى شاھزادە خالىد بىن سەلماننىڭ ئورنىغا ۋاشىنگتون باش ئەلچىلىكىگە مەلىكە رىما بىن بەندەر بىن سۇلتان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدنى تەيىنلىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولغان مەلىكە رىما، رىيادنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى دادىسى شاھزادە بەندەر بىن سۇلتان بىن ئابدۇلئەزىزدىن بەش باسقۇچ يەنى 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

خالىد بىن سەلماننى ۋەزىپىدىن ئېلىپ مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىگەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، يەنە يەمەندىكى ھۇسىيلارغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش تۈپەيلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە بىر مائاش مۇكاپات بېرىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر