ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك شېھىت ۋە تۇتقۇنلار ئائىلىلىرىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ 139 مىليون دوللارلىق قىسمىنى قىسىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1148337
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «قىلىنغان بۇ ئىش قاراقچىلىقتۇر، پەلەستىن خەلقىنى كوللېكتىپ ھالەتتە جازالاشتۇر، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسلارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان سىياسەتلەرگە خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى.

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى تۈنۈگۈن پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار ۋە شېھىتلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغدىن 502 مىليون 697 مىڭ شىكەل (139 مىليون دوللار ئەتراپىدا) نى قىسقارتىشنى مەزمۇن قىلغان لايىھەنى ماقۇللىغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مالىيە مىنىستىرلىقى نامىدىن توپلايدىغان بۇ مەبلەغ ئايلىق ئوتتۇرىچە 700 مىليون شىكەل (190 مىليون دوللار ئەتراپىدا) گە يېتىدۇ. ئىسرائىلىيە، باج بەدىلىگە ھېسابلاپ %3 ىنى تۇتۇپ قالىدۇ.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا 1994 – يىلى ئىمزالانغان پارىژ ئىقتىساد كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئاتاپ كونتروللۇقى ئاستىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدا توپلانغان يىللىق 2 مىليارد دوللارنى پەلەستىن خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ پۇلنى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى تۇتقۇنلار بىلەن شېھىت ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا مائاش سۈپىتىدە بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر