ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى.

1148487
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتى چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە دېڭىزى تەرىپىدىن كېلىپ چاناققەلئە بوغۇزىغا كىرگەن 75 – نومۇرلۇق «USS Donald Cook» ناملىق پاراخوت 1 يېرىم سائەتتىن كېيىن چاناققەلئە تەۋەلىكىگە، 3 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن لاپسەكىغا يېتىپ باردى.

دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى كېمىلەر بىلەن ياندىشىپ ماڭغان 154 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاراخوت، مەرمەر دېڭىزىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەزكۇر پاراخوتنىڭ قايسى پورتقا بېرىپ توختايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر