ئىسىرائىلىيە ھاماسنىڭ ئىككى كۆزىتىش مۇنارىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسىرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەدە ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىزەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىسىنىڭ ئىككى كۆزىتىش مۇنارىسىنى توپ بىلەن بومباردىمان قىلدى.

1147199
ئىسىرائىلىيە ھاماسنىڭ ئىككى كۆزىتىش مۇنارىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە توپچى قىسىملىرى غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەيت خانۇن بازىرىنىڭ شەرقىي ۋە جەبالىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى ئىززەددىن ئەل قاسسام بىرىگادىسىنىڭ ئىككى كۆزىتىش مۇنارىغا، توپ ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، غەززەدە ئۆتكۈزۈلگەن «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» جەريانىدا، بىر ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى يارىلانغان بولۇپ، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋابەن ھاماسنىڭ ئىككى كۆزىتىش مۇنارىنى توپ بىلەن بومباردىمان قىلغان.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەدىكى تىنچلىق خاراكتېرلىك «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» جەريانىدا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 19 غا چىقتى.

پەلەستىنلىكلەر 2018-يىلى 30-مارتتىن باشلاپ قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ ئىسىرائىلىيە چېگراسى بويىدا «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامىدا تىنچلىق يۇسۇندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشنى ۋە 2006-يىلدىن تارتىپ قانۇنسىز ھالدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان غەززە قورشاۋىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان خەلق ئاممىسىغا ئوق چىقارماقتا. 30-مارتتىن بۇيان ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا 230 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر