شىنزو ئابېى ترامپقا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېى، دونالد ترامپنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكى توغرۇلۇق چىققان خەۋەرلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

1147194
شىنزو ئابېى ترامپقا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكى توغرۇلۇق پەيدا بولغان خەۋەرلەرگە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

شىنزو ئابې پارلامېنتتا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «نوبېل كومىتېتىنىڭ تەكلىپ بەرگۈچىلەر ۋە نامزاتلارنى ئاشكارىلماسلىققا مۇناسىۋەتلىك 50 يىللىق سىياسىتىگە ئاساسەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىمەن.»

بۇنىڭدىن سىرت، پارلامېنتنىڭ ئاستى قانىتىغا قاراشلىق خامچوت كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ترامپنى ماختىغان شىنزو ئابې: ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىغا لايىقىدا جاۋاب بەردى، بۇلتۇر ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتلىرى مەخسۇس بۇ توغرۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزدى، دېدى.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قىلمىشىدىن توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى ۋە دونالد ترامپنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىئارامچىلىقىنى پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇنغا يەتكۈزگەنلىكىنى، دونالد ترامپنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئابې مۇنداق دېدى: «ترامپ ۋە ئاقساراي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقاردى.»

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى يوشىھىدې سۇگامۇ، دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپرىن ئوقويدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ، 15-فېۋرالدا ئاقساراي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى سەۋەبىدىن، ئۆزىنى ياپونىيەگە ۋاكالىتەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 2009-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ترامپ: مەن بۇ مۇكاپاتقا ھېچقاچان ئېرىشەلمەيمەن، بۇ مۇكاپات ئوباماغا بېرىلدى، راست گەپنى قىلسام ئوباماغا نېمە ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى ئوبامانىڭ ئۆزىمۇ چۈشىنەلمىدى، ئوباما پىرېزىدېنت بولۇپ 15 سېكۇنت ئۆتمەيلا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەن بۇ مۇكاپاتقا لايىق ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم، بەلكىم بۇ مۇكاپاتقا ھېچقاچان ئېرىشەلمەيمەن، دېدى.

ياپونىيەدە چىقىدىغان ئاساخى شىمبۇن گېزىتى، دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ بۇلتۇر ئىيۇندا كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن دونالد ترامپنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشى ئۈچۈن «غەيرىي رەسمىي ھالدا تەلەپ قىلغانلىقى»نى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر