روبېرت مۇئېللېر باياناتچى ساراھ ساندېرسنى سوراق قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىسى روبېرت مۇئېللېر، رۇسىيەنىڭ 2016 – يىلىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دېلوغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە باياناتچى ساراھ ساندېرسنى سوراق قىلدى.

1146876
روبېرت مۇئېللېر باياناتچى ساراھ ساندېرسنى سوراق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساراھ ساندېرس بۇ ھەقتە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى بارلىق كىشىلەرگە قىلغىنىغا ئوخشاش مېنىمۇ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار بىلەن ئەركىن – ئازادە ئولتۇرۇپ كۆرۈشۈشتىن خۇشاللىق ھېس قىلدىم» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە مەسئۇل، ترامپنىڭ سابىق سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى مەسئۇلى پائۇل مانافورتنىڭ 19 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە رۇسلار بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە يالغان ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن مانافورت، بۇلاردىن باشقا باج ئوغرىلاش ۋە ماتېرىياللارغا ھىيلە ئىشلىتىش قاتارلىق 8 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

مۇپەتتىشلەر، مانافورتنىڭ مەزكۇر جىنايەتلەرنى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قايتا – قايتا سادىر قىلغانلىقى ۋە قولغا كىرگۈزۈۋالغان مىليونلارچە دوللارنى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر