ئىران تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش، پەلەستىن دەۋاسىدىنمۇ مۇھىم

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن ئەھمەت ئەل خەلىفە ئىران تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ، پەلەستىن دەۋاسىدىن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1146192
ئىران تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش، پەلەستىن دەۋاسىدىنمۇ مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد بىن ئەھمەت ئەل خەلىفە ئامېرىكا باشچىلىقىدا پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كېلەچىكىنى قوللاش» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

بىراق، ئەل خەلىفەنىڭ نۇتۇقى ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ يۇتۇب (Youtube) تىكى رەسمىي ئادرېسىدىن ھەمبەھىرلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋېتىلدى.

ئەل خەلىفە: «بالىلىقىمىزدىن بېرى ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن ئىختىلاپىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنىڭ بىر شەكىلدە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى دەۋاتىمىز. ئەمما، يېتىپ كەلگەن نۇقتىدا ئىنتايىن چوڭ ھەيۋىگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى كۆردۇق. ئۇ بولسىمۇ، زامانىۋى تارىخىمىزنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ھەيۋىسى بولغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدۇر. شۇڭا، ھازىرمۇ ئىران تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش پەلەستىن دەۋاسىدىن تېخىمۇ مۇھىم» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ مىسىر ۋە ئىيوردانىيە ئىختىلاپىنى ھەل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ باشقا قوشنىلىرى بىلەن ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق بولغاندا، بىرلىكتە «ئىران تەھدىتى» گە قارشى كۈرەش قىلالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز 1979-يىلدىن تارتىپ تېھراننىڭ ھەيۋىسىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇ تەھدىتنىڭ چېگراسى يوق. بىز ئىران خەلقىنى دەۋاتمايمىز، بەلكى تېھراندىكى فاشىستىك دىنىي ھاكىمىيەتنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز. خەلقلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەل ناھيان ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئىران نىشانلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير، ئىراننى، سۈرىيە، لىۋان، ئىراق ۋە يەمەندە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئافرىقانىڭ ھەممىلا يېرىدە قورال ئىشلەپچىقىرىشقا، ھىندونېزىيە بىلەن تايلاندتا ۋەقە چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىراننىڭ، كۈۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بەھرەينگىمۇ قورال كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلغان تېھران ھۆكۈمىتى، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر