خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى چوڭ مەسىلە بولماقتا
خىتاينىڭ شىمالدىكى خېبى ئۆلكىسىدە كېلەر ھەپتە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئېغىر دەرىجىلىك ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خېبى يەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىجتىمتائىي تاراتقۇسى بولغان «Wechat» ئارقىلىق تارقىتىلغان باياناتتا، ئۆلكىدە 17 – فېۋرالدىن 22 – فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېغىر دەرىجىدە ھاۋا بۇلغىنىشى كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
باياناتتا، ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ خېبى ئۆلكىسىگە تەۋە 15 شەھەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پولات ئىشلەپچىقىرىشتا خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدىغان خېبىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 75 مىليون.
خىتايدا ئىسسىنىش ۋە ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشقا ئاساسەن دېگۈدەك كۆمۈر ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاپتوموبىل سانىمۇ 322 مىليوندىن ئاشتى. شۇڭا خىتاي 2014 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىق دېگۈدەك ھاۋا بۇلغىنىشىغا دۇچ كەلمەكتە.
خىتايدا ھاۋا بولغىنىش سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىل بولۇپ، تۆت باسقۇچقا ئايرىلىدۇ.