نېتېنياھۇ ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇ پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا پارىس قولتۇقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۈسۈف بىن ئەلەۋى بىن ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.

1145442
نېتېنياھۇ ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى، رايوننىڭ  كېلەچىكىگە ئەنقەرە پائالىيەتلەرنى قوللاش» تېمىلىق كونفېرانسقا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋارشاۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر نېتېنياھۇ، ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەن، نېتېنياھۇ چۈشكەن مېھمانخانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئومان سۇلتانى قابۇس بىن سەئىدنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا مەسقاتتا بولغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەت ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئومان سۇلتانىنىڭ ئۆزىنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق «جەسۈر» قارار چىقارغانلىقىنى ئېيتقان نېتېنياھۇ، «ھەممىمىز ئۈچۈن تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغان ئىجابىي سىياسەتلىرىڭلار تۈپەيلى ئىسرائىلىيە خەلقى نامىدىن سىلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن.

ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ «ئۆتمۈشكىلا ئېسىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ دەرد - ئەلەملەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  ئابدۇللاھ بولسا، «بۇ دەۋرنىڭ ھەر بىر مىللەتنىڭ ھۇزۇرى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز» دېگەن.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇ بۇلتۇر 26 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق دىپلوماتىك مۇناسىتى بولمىغان ئوماندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان، ئومان سۇلتانى قابۇس بىن سەئىد بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر