مۇسۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۈچ ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بىر تېررورىست بەدىنىگە تىڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ ئۆلۈۋالدى.

1145100
مۇسۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوفىتسېر ئالا ئوسمان نىنوۋا ساقچىلىرى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتتە، مۇسۇلنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان باھىرا تاغلىرىدىكى تونېللاردا يوشۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشچىلارنى يوقىتىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا چىققان ئېتىشىشلاردا، ئۈچ دائېشچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىر دائېشچىنىڭ بەدىنىگە تىڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سالاھىددىن ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سائاد مۇھەممەد تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەخۇل تېغى ئەتراپىدا 30 پۇقرانى گۆرۈگە ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوغداپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كەركۈكتە ئوفىتسېر ھامىد ئەلئۇبەيدى فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق قوراللىق قىسىملارنىڭ ئېددىبىس ناھىيەسىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، توقۇنۇشتا بەزى تېررورىستلارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ساقچىلاردىنمۇ يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر