ماكېدونىيەدە ئېغىر قاتناش قازاسى يۈز بەردى

شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپكە يېقىن جايدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1144993
ماكېدونىيەدە ئېغىر قاتناش قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپكە يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن قاتناش قازاسىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 13 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

سەھىيە مىنىستىرى ۋېنكو فىلىپچې، ئۈسكۈپ – قالقاندەلەن تاش يولىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، قازادا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 30 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر فىلىپچې، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئۈسكۈپتىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلگەن يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر