مادۇرو: ترامپ بۈگۈن يەنە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ بۈگۈن يەنە ھەربىي مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پۈتۈن دۇنيانىڭ بىزگە ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

1144833
مادۇرو: ترامپ بۈگۈن يەنە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو پايتەخت كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت دېلكىي رودرىگۇز ۋە يېزا ئىگىلىكى، يەر ئىشلىرى مىنستىرى ۋىلمار كاتىرو سوتېلدو بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق لايىھەلىرىنى نەخ مەيداندىن ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار باياناتلاردا بولدى.

ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىنى ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئېھتىماللىقى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «نۇرغۇنلىغان ھەل قىلىش تەكلىپلىرى بار. بارلىق تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

مادۇرو: «بۈگۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلاغا يەنە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ بىزگە ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلانى كونتىروللۇققا ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى خەلقنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەھرىمانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغان ئالغان مادۇرو، مەيلى نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ۋېنېزۇئېلاغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مادۇرو: «بىز ھېچ كىشىنىڭ قۇلى ئەمەس، تېلەمچىسى، خىزمەتكارىمۇ ئەمەس. بىز ئەركىن ئايال ۋە ئەركىن ئەرلەرمىز. ئىچىمىزدىكى بۇ سەزگۈرلىكىمىز بىزنىڭ ئەڭ چوڭ شەۋقىمىز ۋە مەمنۇنىيىتىمىزدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر