جەنۇبىي كورېيەدىكى بىر ئوق - دورا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ دائېجېئون شەھىرىدىكى بىر ئوق – دورا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1145187
جەنۇبىي كورېيەدىكى بىر ئوق - دورا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى ئوق – دورا زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 3 ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالاقىدار خادىملار، راكېتامىيوت ئىتتىرگۈچى يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان بەزى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ پارتلىشىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ پەيدا قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلغان.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارغا گۇۋاھ بولغان بىر كىشى بىلدۈرۈشىچە، رايوندىن «كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن قارا تۇمانلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

نەق مەيدانغا 40 تىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئاپەت بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار پارتلاشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر