ئىتتىپاقداش كۈچلىرى جامە گە ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيەدە دىر ئەززۇرنىڭ باگوز رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر جامەنى نىشان قىلدى.

1144214
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى جامە گە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە دائېشقا قارشى  كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (س د گ) ئىسمىنى ئىشلەتكەن ي پ گ / پ ك ك نىڭ دىر ئەززۇرنىڭ باگوز رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى جەريانىدا يۈز بەردى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشمە ئارمىيە س د گ گە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە 11 – ئاپرېل كۈنى باگوز فەۋكانىدە ئىلگىرى جامە سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن دائېشنىڭ قوماندانلىق ۋە كونتىرول مەركىزىگە  راكېتامىيوت ئارقىلىق زەربە بېرىلدى. »

باياناتتا، جامەنىڭ دائېش تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشى بىلەن «قوغداشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇشلار» ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامەدىكى پۇقراۋى ئۆلۈملەر توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باگوز رايونىدا قورشاۋ ئاستىدىكى دائېشچىلارغا قارشى تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان ھاۋا، راكېتامىيوت ۋە توپ ھۇجۇملىرىدا 50 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن فىرانسىيە ياردەم بېرىۋاتقان ي پ گ / پ ك ك 2018 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان دائېشنى دىر ئەززۇردىن تامامەن چىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە دائېش دىر ئەززۇر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا پەقەت باگوز رايونىدىلا مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالماقتا ئىكەن.

دىر ئەززۇردا «فىرات دەرياسى» نىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايون بولسا بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر