مېكسىكىدا ئاممىۋى مازار تېپىلدى

مېكسىكىنىڭ غەربىگە جايلاشقان كولىما ئۆلكىسىدە ئاممىۋى مازار تېپىلدى.

1144648
مېكسىكىدا ئاممىۋى مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولىما باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېكومان ۋىلايىتىگە قاراشلىق سانتا روسا ناھىيەسىدىكى بىر جايدىكى مەخپىي قەبرىستانلىقلاردا 50 جەسەت تېپىلغان بولۇپ، جەسەتلەرنىڭ كمىلىكىنى ئېلىقلاپ چىقىش خىزمىتى باشلانغان.

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرىمۇ شۇ جايدىكى مەخپىي قەبرىستانلىقلاردىن 19 جەسەت چىقىرىلغانىدى.

مېكسىكا دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىنىستىتۇنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، كولىمادا 2017 – يىلى ھەر 100 مىڭ كىشىدە 113 جىنايەت ۋەقەسى يۈز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن، كولىما شۇ يىلى دۆلەت بويىچە ئەڭ كۆپ جىنايەت سادىر قىلىنغان ئۆلكە بولۇپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر