نېتانياھۇ ئىراننىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئىران ئېلان قىلغان «ئامېرىكا بىزگە ھۇجۇم قىلسا، بىز تېل ئاۋىۋ بىلەن ھايفانى يەر يۈزىدىن يوق قىلىمىز» دېگەن باياناتقا نارازىلىق بىلدۈردى.

1143183
نېتانياھۇ ئىراننىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ: «ئىران تېل ئاۋىۋ بىلەن ھايفانى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشنى سىناشتەك خاتالىقنى ئۆتكۈزسە، بۇ ئۇلار تەبرىكلىگەن ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ئىران سېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما بۇ تەھدىتلەردىن قورقمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئىران ھاكىمىيىتى تېل ئاۋىۋ بىلەن ھايفانى يەر يۈزىدىن يوق قىلىشنى سىناشتەك خاتالىقنى ئۆتكۈزسە-ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ-بۇ ئۇلار تەبرىكلىگەن ئىنقىلابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك» دېدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانلىرىدىن يادۇللاھ جاۋانى تۈنۈگۈن (11-فېۋرال) ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ: «ئامېرىكا بىزگە ھۇجۇم قىلسا، بىزمۇ تېل ئاۋىۋ بىلەن ھايفانى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر