خۇەن گۇايدو تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تارقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشتىن بۇرۇن ۋىتامىن ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يېمەكلىكلىرىدىن تەركىپ تاپقان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تارقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1143311
خۇەن گۇايدو تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تارقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 50 دۆلەت تەرىپىدىن «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو تۋىتتېردا ۋىتامىن ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بولاقلىرىنى كۆرسەتكەن بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىدى.

بولاقلار ئالدىدا سۆز قىلغان 35 ياشلىق خۇەن گۇايدو تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تارقاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەڭ ئاجىز خەلققە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىنىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانىلىنىڭ ئېچىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالمايۋاتقان ھامىلە ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئۈچۈن 1 مىليون 700 مىڭ بولاقنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما بۇلارنى قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو ھەمبەھىرلىگەن يەنە بىر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

«ۋېنېزۇئېلالىقلار ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋېنېزۇئېلالىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن، ئەتە (12-فېۋرال) كوچىلارغا قايتىدۇ» دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر دۆلەتتە ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالىق ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كارىدورنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم چاقىرىقلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر