خىتاي: «ئامېرىكانىڭ قىلمىشى بىزنى تولىمۇ بىئارام قىلدى»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ ئامېرىكا دېڭىز پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى بىر ئارالغا يېقىنلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1142821
خىتاي: «ئامېرىكانىڭ قىلمىشى بىزنى تولىمۇ بىئارام قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا جېدەل چىقىرىشنى»توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيەسىگە تەۋە « USS Spruance » ۋە« USS Preble » ناملىق ھۇجۇمچى پاراخوتلارنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى نەنشا ئاراللىرىغا يېقىنلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: بىز ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشىدىن تولىمۇ بىئارام بولىۋاتىمىز ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىغا قەتئىي قارشى چىقىمىز، دېدى.

ئامېرىكانىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ياقلىغان باياناتچى خۇا چۇنيىڭ، خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىنى رايوندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى خۇا: ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكا دائىرىلىرىنى بۇرانراق بۇنداق ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىققا، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7-ئىشتاب باياناتچىسى كلاي دوس بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئەركىن چارىلاش پىرىنسىپى دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ دائىرىسىدە رايوندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  

باياناتچى خۇا، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا پات يېقىندا باشلىنىدىغان خىتاي-ئامېرىكا سودا مۇزاكىرىلىرىدىن ئىلگىرى بۇنداق بىر ئىشنى قىلىشى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: ئامېرىكانىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز، بىز بىراق ئامېرىكادەك قىلمايمىز، بىز  سوغۇققان بولىمىز، دېدى.

باياناتچى خۇا چۇنيىڭ، سودا مۇزاكىرىلىرىدىن ياخشى نەتىجە چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر