جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تېخىمۇ كۆپ راسخوت ئاجراتتى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئاجرىتىلغان چىقىمنىڭ مىقدارى ئۆستۈرۈلدى.

1142497
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تېخىمۇ كۆپ راسخوت ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىمىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.  

كېلىشىم بويىچە، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئاجراتقان راسخوت مىقدارىنى 890 مىليون دوللارغا چىقاردى.

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى 28500 ئەسكىرىنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى 5 يىلدىن 1 يىلغا تۆۋەنلىتىلدى.  

كېلىشىمنىڭ مۇددىتى ئاخىرلاشقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى  كېلىشىم ئۈستىدە قايتىدىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

پايتەخت سېئۇلدا كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى بايانات بەرگەن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كىيۇڭ ۋا: بۇ مەسىلىدە ئۇزۇندىن بۇيان سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانىدۇق، ئاخىرى كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، دېدى.

مىنىستىر كاڭ كىيۇڭ ۋا، مەزكۇر كېلىشىم توغرۇلۇق پەيدا بولغان نارازىلىقلارنىڭ ئەكسىچە، كېلىشىمنىڭ ئىجابىي قەدەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر مارت ئېيىدىن بۇيان ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن 10قېتىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىمى ئۈچۈن ھەر يىلى 1 مىليارد 200 مىليون دوللار بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇلتۇر ئىيۇلدا جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چىقىمى ۋە رايوندىكى ھەربىي مانېۋىرلار ئۈچۈن زور چىقىم سەرپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

دونالد ترامپنىڭ يوليۇرۇقىغا بىنائەن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون كورېيە يېرىم ئارىلىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى توختىتىۋەتكەنىدى.  

دونالد ترامپ يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جەنۇبىي كورېيەگە تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر