ھايتىدا ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى

ھايتىدا چىرىكلىككە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ۋەقە يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى.

1142698
ھايتىدا ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتىدا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلار ئەسناسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئەڭ ئاز 4 ئادەم ئۆلدى.

«BBC»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت پورت-ئو-پىرىنس ۋە باشقا شەھەرلەردە 4 كۈندىن بۇيان 4000 ئادەم نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2005-يىلى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان پېتروكارىب پىروگراممىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چىرىكلىك قىلمىشىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلى پىرېزىدېنت جوۋنېل مويىسنىڭ ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشلاردا چىققان ۋەقەلەردە 4 كىشى ئۆلۈپ، ئونلارچە ئادەم يارىلانغان.

نامايىشچىلارنىڭ يوللارنى توسۇۋېلىپ ئاپتوموبىل چاقلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ساقچىلارغا تاش ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى تاراتقۇلار نامايىشلاردا 14 ساقچىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتتى.

نامايىشلار تۈپەيلى نۇرغۇن شەھەردە بۇ يىل مارتنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ھايتىدا بۇلتۇر ئوخشاش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان نامايىشلاردا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 ئادەم ئۆلگەنىدى.

پىرېزىدېنتى جوۋېنېل مويىس، چىرىكلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى تۈپەيلى، ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

ھايتى ئالىي پالاتاسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، ئەڭ ئاز 14 ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

پېتروكارىب پىروگراممىسى رايون دۆلەتلىرىنى نېفىت ئەسلىھەلىرى قۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش مەقسىتىدە  ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2005-يىلى قۇرۇلغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر