تالىبان مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
تالىبان قوراللىقلىرى، ئافغانىستاننىڭ سارىپۇل ۋىلايىتىنىڭ سەيياد ناھىيەسىدىكى مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 8 مۇھاپىزەتچىنى ئۆلتۈردى.
1142201
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارىپۇل ۋىلايەت شۇراسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد نۇر راھمانى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ سەيياد ناھىيەسىدىكى ئىككى مۇھاپىزەتچىلەر پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 8 مۇھاپىزەتچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 4 مۇھاپىزەتچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، ھۇجۇمدىن كېيىن ئىككى پونكىتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.