سېرىق جىلىتكىلىكلەر گوللاندىيەدە 11 - قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

سېرىق جىلىتكىلىكلەر گوللاندىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە 11 – قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1142135
سېرىق جىلىتكىلىكلەر گوللاندىيەدە 11 - قېتىم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
hollanda sari yelekliler1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرىق جىلىتكىلىكلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئاساسەن ئامستېردام، لاھەي ۋە روتېردامنى ئۆز ئىچىگە بەزى شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئاساسلىقى گوللاندىيە ئاشقۇن ئوڭچى قاناتقا مەنسۇپ كىشىلەر قاتناشقان نامايىشلاردا، باش مىنىستىر مارك رۇتتې ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

لاھەي شەھىرىدىكى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئارقىسىغا توپلانغان بىر گۇرۇپپا سېرىق جىلىتكىلىكلەر، خەلقنى نامايىشقا ئىشىتراك قىلىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر