خىتاي ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى

خىتاي ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى پەقەت دىيالوگ ۋە سىياسىي يوللار ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1141924
خىتاي ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ۋېنېزۇئېلا كىرىزسى توغرۇلۇق ئېلان يازما قىلغان باياناتىدا، ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى پەقەت دىيالوگ ۋە سىياسىي يوللار ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقى تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن - بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە  دىيالوگ، تىنچ ۋە سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشچىلىقىدا خەلقئارالىق ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم، جۈملىدىن، كىرىزىسنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنى ئىجابىي قەدەم تاشلاشقا چاقىرىمىز.»

فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، شىۋېتسىيە، ئېكۋادور، كوستارىكا، بولىۋىيە ۋە ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى،  مۇشۇ ھەپتە ئۇرۇگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدېئودا بىر يەرگە جەم بولغان، يىغىندىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلادا ئەركىن، ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ئىشەنچىلىك سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر