ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى كولومبىيەگە يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدونىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ، كولومبىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىغا يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1141110
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى كولومبىيەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدونىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەۋەتكەن ئامېرىكا خەلقئارالىق تەرەققىيات ئاگېنتلىقى (USAID) نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللىرى، كولومبىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدىكى كۇكۇتا شەھىرىگە يېتىپ باردى.

ئامېرىكانىڭ سانتافې بوگوتا ئەلچىخانىسىنىڭ تۋىتتېر بېقتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا: «ئامېرىكا خەلقئارالىق تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى توشۇغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىللىرى كولومبىيەگە يېتىپ كەلدى. ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت خۇەن گۇايدونىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تېزلىكتە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز» دېيىلدى.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون ئۆتكەن ھەپتە تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېنېزۇئېلاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كولومبىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلانى تۇتاشتۇرىدىغان لاس تىيېندىتاس كۆۋرۈكى، سەيشەنبە (5-فېۋرال) ۋېېنزۇئېلا ھەربىي قىسمى تەرىپىدىن كولومبىيەدىن كېلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە قارشى بېتون توسۇقلار، تىكەنلىك سىملار ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن تاقىۋېتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر