ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇگېرىنىنىڭ ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئارېئازا، فېدېرىكا موگېرىنىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋېرونىك لورېنزوننى قوبۇل قىلدى.

1140725
ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇگېرىنىنىڭ ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئارېئازا، دۆلىتىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋېرونىك لورېنزوننى قوبۇل قىلدى.

ئارېئازا پايتەخت كاراكاستىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى – كاسا ئامارىللادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادېرىسى ئارقىلىق مەلۇمات بەردى.

لورېنزون ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر بىلەن «قىزىقارلىق ۋە ئۇزۇن بىر سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئارېئازا، ئاساسىي قانۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ۋېنېزۇئېلادىكى رېئاللىقنى ۋە ئالدىنقى شەرت قويۇلماستىن مىللىي دىيالوگ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادىكى كىرىزىسنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۈچ ئاي ئىچىدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغان گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، شىۋېتسىيە، ئېكۋاتور، كوستارىكا، بولىۋىيە ۋە ئۇرۇگۋاي قاتارلىقلار بار.

كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى خۇان گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋە باشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالاغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ئارقىدىن ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدىكى پۇل – ماللىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ گۇايدوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر