سۈرىيەدە قىزىتما كېسەللىكى  سەۋەبىدىن نۇرغۇن بالىلار ئۆلۈپ كەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدە بۇلتۇر دېكابىردىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ  كونتروللۇقىدىكى دىر ئەززۇر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەججىن ناھىيەسىدىن قاچقان كەم دېگەندە 35 بالىنىڭ قىزىتما كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1140082
سۈرىيەدە قىزىتما كېسەللىكى  سەۋەبىدىن نۇرغۇن بالىلار ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەنىڭ دىر ئەززۇر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەججىن ناھىيەسىدىكى توقۇنۇشلاردن قاچقان ۋە رايوندا قالغان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى، بۇلتۇر دېكابىردىن بۇيان ھەججىن ناھىيەسىدىن 25 مىڭ كىشىنىڭ قېچىپ، ھاسەكىدىكى «‹ئەل ھول› مۇساپىرلار لاگېرى» غا كەتكەنلىكى، 22 – يانۋاردىن بۇيان بۇ مۇساپىرلار لاگېرىغا بارغانلار سانىنىڭ 10 مىڭ كىشىگە يېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇلتۇر دېكابىردىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ  كونتروللۇقىدىكى دىر ئەززۇر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەججىن ناھىيەسىدىن قاچقان كەم دېگەندە 35 بالا قىزىتما كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر