ئافغانىستاندا تالىبان 10 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە تالىبان بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قوزغاپ 10 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1139273
ئافغانىستاندا تالىبان 10 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 10 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

باغلان ۋالىيسى ئابدۇلھاي نەماتى، تالىباننىڭ باغلان ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قوزغاپ 10 ساقچىنڭى جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدە 3 مۇھاپىزەتچىنى يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان نەماتى، ھۇجۇمدىن كېيىن چىققان توقۇنۇشتا بىر نەچچە تېررورچىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر