ئەنئەنىۋى كەشمىر ھەمكارلىق كۈنى خاتىرىلەندى

1989 – يىلى ئېلان قىلىنغان 5 – فېۋرال «كەشمىر ھەمكارلىق كۈنى» دە ھەر يىلى پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا 1947 – يىلىدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن كەشمىر مەسىلىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار خاتىرىلىنىدۇ.

1139286
ئەنئەنىۋى كەشمىر ھەمكارلىق كۈنى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «كەشمىر ھەمكارلىق كۈنى» ئارقىلىق ھىندىستان بىلەن 72 يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنالمىغان كەشمىر مەسىلىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار خاتىرىلىنىدۇ، رايون خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ، 1947 - يىلى ھىندىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن مەزگىللىرىدە خانلىق تەرىقىسىدە ئىدارە قىلىنىۋاتقان كەشمىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش ئىختىيارلىقىنى بېرىشى بىلەن باشلانغان مەسلىگە 72 يىلدىن بۇيان چارە تېپىلالمىدى.

نوپۇسىنىڭ %90 نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان كەشمىر خەلقى، 1947 – يىلى پاكىستانغا قېتىلىپ كېتىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ خانى ھىندىستانغا قوشۇلۇپ كېتىشكە قارار قىلدى؛ ئۇنىڭ قارارىغا مۇسۇلمان كەشمىر خەلقى قارشى چىقتى.

پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىشى بىلەن تەرەپلەر تۇنجى قېتىم 1947-يىلى ئۇرۇشتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى 1965 ۋە 1999- يىللىرىمۇ ئۇرۇش يۈز بەردى.

پاكىستان، ھىندىستاننىڭ كەشمىر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە پىسەنت قىلماستىن جاممۇ كەشمىرنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ھىندىستان بولسا، جاممۇ كەشمىرنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا ۋە پاكىستاننىڭ رايوندىكى بۆلگۈنچىلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

كەشمىر بىر تاغلىق رايون بولۇپ، %45ى ھىندىستاننىڭ، %35 ى پاكىستاننىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا. رايوننىڭ %20 لىك قىسمىغا بولسا خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. 1960 – يىلى خىتاينىڭ تىزگىنى ئاستىغا كىرگەن رايون «ئاقساي چىن» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھىندىستان قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلارنى «جاممۇ كەشمىر» دېگەن نام ئاستىدا ئۆزىگە قاراتتى. جاممۇ كەشمىر ھازىرمۇ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بىردىنبىر ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ.

پاكىستان بولسا، ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەشمىرگە «ئازاد كەشمىر» ۋە «گىلگىت بالتىستان» دىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم رايون سالاھىيىتى بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1948- يىلىدىن بۇيانقى قارارلىرىدا، كەشمىرنىڭ ئەسكەرلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنى ۋە كېلەچىكىنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق بېكىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر