شىمالىي كورېيە يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1139308
شىمالىي كورېيە يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان مەخپىي ئالاقىدار دوكلاتتا، «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پۇقرالارغا ئائىت مۇئەسسىسەلەر ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ئارقىلىق بىرەر ھۇجۇم يۈز بەرگەن ئەھۋالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا يەنە، شىمالىي كوۋېيەنىڭ ئېمبارگۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولسا، 317 بەتلىك دوكلات ھەققىدە بايانات بەرمىدى.

دوكلات ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇننىڭ بۇ ئاي ئېلىپ بارماقچى بولغان 2قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلدى.

ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشتا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدى.

ئۇچرىشىشتا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللاردىن تازىلىنىشى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە يېرىم ئارالدا تىنلىچقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دائىر بىر تۈركۈم ئەھدىنامىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق باياننامە ئىمزالانغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە، 2018يىلى 27ئاپرېلدا پانمۇنجوم كېلىشىمىنى قايتىدىن يېڭىلاپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرولۇق قوراللاردىن تولۇق تازىلىنىش باشقۇچىنى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر