خۇەن گۇايدو پىيادە يۈرۈش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى ئۈچۈن پىيادە يۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1139342
خۇەن گۇايدو پىيادە يۈرۈش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسى ھەمدە لاتىن ئامېرىكادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلغان خۇەن گۇايدو، پايتەخت كاراكاستىكى دۆلەت پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پىيادە يۈرۈش ۋە سايلام تەكلىپلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا يەنە 10دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۇندىن كېيىن 4-فېۋرال، دۇنيانىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ پىداكارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىر كۈن سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىش قارارىنى بەرگەن ئەزالىرىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، «باش ئەلچى» لەرنى ۋە بۇ دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان دىپلوماتىك خادىملارنى ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كولومبىيە، بىرازىلىيە ۋە پۇئېرتو رىكو ئارقىلىق كىرىشىگە ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىنى رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ياردەملەر ۋېنېزۇئېلاغا كىرىشى لازىم. ھەي ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسى، بۇلار سېنىڭ ئاناڭ ئۈچۈن، سىڭلىڭ ئۈچۈن. ئەگەر ياردەملەر كىرمىسە ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىمىز.»

ئۇ مەزكۇر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پىيادە يۈرۈش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلادا ئېقىپ يۈرگەن ئىچكى ئۇرۇش ئېھتىمالىنى رەت قىلدى ۋە %90 دىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئىچكى ئۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر