ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنىڭ كۈنتەرتىپتە بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1137947
ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنىڭ كۈنتەرتىپتە بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنىڭ كۈنتەرتىپتە بارلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئامېرىكادىكى « CBS » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغان ترامپ، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەۋەتمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە بۇمۇ تاللاش يوللىرىدىن بىرىدۇر.»

دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يادرو مۇزاكىرىلىرىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چېكىندۈرمەسلىك مەسىلىسىنىڭ ھازىرغىچە كېڭەش قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، جەنۇبىي كورېيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 40 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىگە زور چىقىم سەرپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى توغرۇلۇق ھازىرغىچە ئېنىق قارار بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر