ئوتتۇرا ئافرىقا تىنچلىق سۆھبەتلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى

سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئاكادېمىيەسىدە 24 – يانۋاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشتى.

1137823
ئوتتۇرا ئافرىقا تىنچلىق سۆھبەتلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئاكادېمىيەسىدە 24 – يانۋاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن 14 قوراللىق گۇرۇپپا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش توغرىسىدا كېلىشتى.

تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنىڭ تەييار ئىكەنلىكى، يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بانگۇئىدا ئىمزالىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى 2012 – يىلىدىن بۇيان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانى نەتىجىسىدە باش كۆتۈرگەن سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك كىرىزىسىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. دۆلەتتىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىر – بىرلىرى بىلەنمۇ توقۇنۇشماقتا؛ ئانتى-بالاكا قوراللىق گۇرۇپپىسى بىلەن سېلېكا گۇرۇپپىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە مىڭلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

كۆپ قىسمى قوراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 2016 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن سىياسىي كىرىزىس قىسمەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر