سېربىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۈچىنچى ئېيىغا قەدەم قويدى

سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا «5 مىليوندىن پەقەتلا بىرى» دېگەن شوئار ئاستىدا بۇنىڭدىن 9 ھەپتە ئىلگىرى باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

1137848
سېربىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۈچىنچى ئېيىغا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە بۇ شەنبە كۈنىمۇ پايتەختى كوچىلىرىنى تولدۇرغان ئون مىڭلارچە نامايىشچى، «ئويغان سېربىيە»، «ۋۇجىچ چۈشسۇن، كاپىتالىزم چۈشسۇن» ۋە «خەلقنىڭ يېنىدىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلار، نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان مەكتۇپلىرىنى بىنانىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پوچتا ساندۇقىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر