بولىۋىيەدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

بولىۋىيەنىڭ كاراناۋى رايونىدىكى بىر تاش يولدا تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 8 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1137821
بولىۋىيەدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازادا  بەزى ئاپتوموبىللار لاي – لاتقىلارنىڭ ئاستىدا قالدى، يەنە بەزى ئاپتوموبىللار 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ۋادىغا چۈشۈپ كەتتى. كاراناۋىدىكى دەريا تېشىپ كېتىپ، مىڭ ئادەم بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى، بەزى ئۆيلەر سۇ ئاستىدا قالدى.

تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى تۈپەيلى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېس ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «كاراناۋىدا مەيدانغا كەلگەن تىراگېدىيەدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  


خەتكۈچ: #بولىۋىيە , #تاغ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر