ئىراندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان - بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق نىقشەھىر شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى ئەزالىرىدىن بىر كىشى ئۆلدى ۋە 5 كىشى يارىدار بولدى.
1137421
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇغلۇق قىسىملىرى قۇددۇس ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بايانناتتا، بۈگۈن ئەتىگەندە سىستان - بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق نىقشەھىر شەھىرىدە تېرررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 5 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بالنېستقا ئېلىنغان يارىدارلاردىن 2 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.