سۈرىيەدە ئۆتكەن ئاي يەنە يۈزلەرچە پۇقرا ئۆلدى

سۈرىيەدە ئۆتكەن ئايدا 57 بالا، 27 ئايال بولۇپ جەمئىي 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1137041
سۈرىيەدە ئۆتكەن ئاي يەنە يۈزلەرچە پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئۆتكەن ئاي 197 پۇقرا ئۆلدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى سۈرىيە توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئايدا 57 بالا، 27 ئايال بولۇپ جەمئىي 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئاي 12 بالا، 4 ئايال بولۇپ جەمئىي 44 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكى، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا بولسا 2 بالا، 1 ئايال بولۇپ جەمئىي 9 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا باشچلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا بولسا 15 بالا، 12 ئايال بولۇپ جەمئىي 37 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە سالاھىيىتى نامەلۇم گۇرۇھلار ئۆتكەن ئاي 10 بالا، 6 ئايال بولۇپ جەمئىي 55 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، دائېش تېررورچىلىرىنىڭ 3 بالا، 1 ئايال بولۇپ جەمئىي 13 ئادەمنى قەتل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ-پ ك ك نىڭ 13 بالا، 3 ئايال بولۇپ جەمئىي 30 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بولسا 2 بالا بولۇپ جەمئىي 9 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەركەزنىڭ دوكلاتىدا ئۆتكەن ئاي 14 كىشىنىڭ قىيىن-قىستاق ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ 11، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ 2، تېررولۇق تەشكلاتى پ ك ك –ي پ گ نىڭ 1 ئادەمنى  قىيىن-قىستاق قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ: #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر