«دائېشنى پات يېقىندا تولۇق يوق قىلىمىز»

ئامېرىكا مەركىزى ئىستخبارات ئىدارىسى باشلىقى گىنا ھاسپېل دائېشنىڭ پات يېقىندا تولۇق يوق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1135416
«دائېشنى پات يېقىندا تولۇق يوق قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىرىش قارارى، ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىدا كېڭەش قىلىندى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتەۋاتقان پاترىك شاناھان ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئالىي پالاتا ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پاترىك شاناھان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پات يېقىندا تەكتۆكۈس يوق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەتلىك ئىستىخبارات باشقارمىسى باشلىقى دان كوست بولسا ئىراق ۋە سۈرىيەدە مىڭلارچە دائىش تېررورچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دائېش تېررورچىلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا مەركىزى ئىستخبارات ئىدارىسى باشلىقى گىنا ھاسپېلمۇ دائېش ئۈستىدە توختىلىپ: دائېشنى تولۇق يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، دېدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالىي پالاتادىكى لىدېرى مىت ماك كوننېل، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېمبارگو قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە يېڭى ماددىلارنى قوشۇشقا تەييارلانماقتا.

قوشۇلماقچى بولغان ماددىنىڭ دائېشقا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دائىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ قاچان مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر