بىرازىلىيەدە بىر كان ئامبىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
بىرازىلىيەدە كانغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئامبىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 65 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1134821
![بىرازىلىيەدە بىر كان ئامبىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/db79/2e27/02c7/5c4ff3e553abd.jpg?time=1718706942)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەدە كانغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئامبىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 65 كە چىقتى.
يوقاپ كەتكەن 279 كىشىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، جېنىدىن ئايرىلغان 35 كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ توغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۇ ئامبىرىنىڭ تېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن برۇمادىنيو شەھىرىدىكى تەخمىنەن 3 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
بۇ پاجىئە، كاننى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئۈچىنچى ئاپەت بولدى. 2015-يىلىمۇ 19 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇھىت ئاپىتى بولغان ئىدى.