ئىراقنىڭ سالاھۇددىن شەھىرىدە ئىككى ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ سالاھۇددىن شەھىرىدە ئىككى ئايرىم ھۇجۇم يۈز بېرىپ 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.

1133888
ئىراقنىڭ سالاھۇددىن شەھىرىدە ئىككى ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى خەۋپسىزلىك مېدىياسى مەركىزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سالاھۇددىنغا قاراشلىق شىرغات ناھىيەسىدە ئىككى ئايرىم ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇملاردا خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئۇنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر