كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئۇ، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون ماككالۇمنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1133882
كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىدا، باش مىنىستىر جاستىن ترۇدېئۇنىڭ «تۈنۈگۈن كېچە جون ماككالۇمغا تېلېفون قىلىپ، كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم ۋە ئۇمۇ ئىستىكىمنى قوبۇل قىلدى. جون ماككالۇم يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كانادالىقلارغا شەرەپلىك ۋە پەرقلىق شەكىللەردە خىزمەت قىلدى. ئۇزۇن يىللار بويىچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، غازىلار مىنىستىرى ۋە ئاخىرىدا پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى قاتارلىق ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدى. 40 مىڭغا يېقىن سۈرىيەلىك مۇساپىرنى كانادا ئېلىپ كېلىشتە پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى سۈپىتىدە كانادالىقلارغا ئىلھام مەنبەسى ۋە دۇنياغا ئۈلگە بولدى. ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە ئۆتمۈش يىللاردا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىدىكى جىم نىكېل كانادانىڭ خىتايدىكى ۋاكالەتچىسى بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون ماككالۇم، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پەيدا قىلغان خۇاۋېي دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ دېلوسى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانىدى.

باياناتىدا، كانادانىڭ مېڭ ۋېنجۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ماككالۇم، مېڭ ۋېنجۇنىڭ قولىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا يەتكۈدەك كۈچلۈك پاكىتلىرى بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

باياناتلىرىنىڭ دىپلوماتىك پىرىنسىپلارغا زىت ئىكەنلىكى، داۋاملىشىۋاتقان بىر دېلو توغرىسىدا توختىلىشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن ماككالۇم، ئارقىدىن «خاتا سۆز قىلغانلىقى» نى ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىغانىدى.

خۇاۋېي دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سوت 6 – فېۋرالدا كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە باشلىنىدۇ.

خىتاي تېخنولوگىيە گوروھى خۇاۋېينىڭ خوجايىنى رېن جىڭفېينىڭ قىزى ۋە شىركەتنىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋېنجۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2018 – يىلى 1 – دېكابىردا كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ئارقىدىن كانادا سوتى 10 مىليون كانادا دوللىرى ئېلىپ كاپالەتكە قويۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر