پۇتىن: ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1133142
پۇتىن: ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پۇتىن ۋېنېزۇئېلادىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت مادۇروغا تېلېفون قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش خەلقئارا قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ، تەرەپلەر رۇسىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى نامايەن قىلدى. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ۋە ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك.»

ۋېنېزۇئېلادا مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى ۋە ئۆكتىچى رەھبەر جۇئان گۇئائىدو، مادۇرو ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ «ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇئائىدونى ۋېنېزۇئېلاتنىڭ «ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر