خىتايدا پارتلاش يۈز بەردى
خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۇن شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر سودا سارىيىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1133138
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاڭچۇن شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش مۇنبىرى ھېسابلىنىدىغان «ۋېيبو» ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىلشىىچە، شەھەرنىڭ قىزىل بايراق يولى بويىدىكى ۋاندا سودا سارىيىنىڭ 30 – قەۋىتىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. باياناتتا، ۋەقەدە يارىلانغانغۇچىلار سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.