ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئۆزىنى «پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلدى

ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدو ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلدى.

1131954
ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئۆزىنى «پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ ئىگەللىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرۇش ۋە ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، رەسمىي شەكىلدە ۋېنېزۇئېلاغا مەسئۇل پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا قەسەم قىلىمەن» دېدى.

ئۇ خەلققە ئۆزىنى قوللىشىنى چاقىرىق قىلىپ: «بۇنىڭ بىر كىشى بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز، بۇنىڭ نەتىجىلىرى بولىدۇ. چوڭ دۆلەت كۈچى ۋە ئۈمىد ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ھېرىپ قالامدۇق؟ ياق. دېموكراتىيەگە، ئەركىنلىككە، پاكىزە سۇغا، تەبىئىي گازغا ئېرىشكىچە ۋە ھەر بىر ۋېنېزۇئېلالىقنىڭ تاماق ئۈستىلىگە نان قويۇلغىچە قارشىلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر