ترامپ گۇايدونى ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتى باشلىقى خۇان گۇايدونى دۆلەتنىڭ «مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1131963
ترامپ گۇايدونى ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلادىكى يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۈگۈن رەسمىي يۇسۇندا ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتى باشلىقى خۇان گۇايدونى ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى، دەپ ئېتىراپ قىلىمەن. ۋېنېزۇئېلا خەلقى تەرىپىدىن  سايلانغان بىردىنبىر قانۇنلۇق باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان پارلامېنت، نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىش يولىدا ئاساسىي قانۇننى ئىشقا سالدى، دېمەك ھازىر پىرېزىدېنتلىق ئورنى بوشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە دېموكراتىك كۈچىنى ۋېنېزۇئېلادا دېموكراتىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ گۇئايدونى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىنى ئۆز ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە گۇايدونىڭ ئالدىنقى كۈنى تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «زوراۋانلىق بۇلاڭچىنىڭ قورالىدۇر، بىزنىڭ بىردىنبىر روشەن قەدىمىمىز بولسا، ئەركىن ۋە دېموكراتىك بىر ۋېنېزۇئېلا ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچلۈك تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە سىياسىي جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەن ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى شەھەرنىڭ پەرقلىق جايلىرىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.

كاراكاستا دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىغا مەنسۇپ بىر گۇرۇپپا ئەسكەر 2 كۈن ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە سىن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلىپ خەلقنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە چاقىرغانىدى. شەھەرنىڭ كوتىزا رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىسيانچى 27 ئەسكەر تەسلىم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر